
歌曲下载
选择需要的音质。若源文件暂时不可用,我们会明确提示实际提供的音质。
歌词
下载歌词作词 : Mamut Zahit 作曲 : Ebeydulla Turdi بۇلبۇل ئۈچۈن سايراشقا گۈلزار غەنىمەت ئىنسان ئۈچۈن ھاياتتا دوست يار غەنىمەت كۆرۈشكەندە شىرىن سۆز ئىزھار غەنىمەت تىنىچ-ئامانلىق ساغلاملىق زور بەخىت بايلىق كۈچ قۇدرىتىڭ بارىدا دوسلارنى قوللاپ ئۇزۇن يولدا سىنالغان تۇلپار غەنىمەت تەنھا ياشاش يالغۇزلۇق ئادەمگە ئازاپ ئەل جامائەت ئىچىدە قاتار غەنىمەت تۆھمەت ھەسەت ئاداۋەت تۇغار زىمىستان دوسلار مىھرى ياراتقان باھار غەنىمەت سۈرگىن ھايات مۇھەببەت دوستلۇق پەيزىنى ئۆمۈرلۈك دوست ۋاپادار نىگار غەنىمەت كىم بىلىدۇ كىتىمىز قايسىمىز بالدۇر يوقلاپ تۇرغىن دوسلارنى دىدار غەنىمەت

